Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىپارىس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
بوتانىكا
ئارچا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدۇ، شاخلىرى ئىنچىكە بولۇپ پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكىللىك ۋە كىچىك ئۇچى ئۇچلۇق، مېۋىسى يۇمىلاق، ئۇرۇقى قاسىراقسىمان بولىدۇ، پىشقاندا يېرىلىدۇ. ياغىچى سارغۇچ قوڭۇر، پۇراقلىق كېلىدۇ. ئۇنى قۇرۇلۇشقا، كېمىسازلىققا ياكى ئۆي جابدۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.