Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، تۈرلىرى كۆپ، دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. تەن شەكلى بېلىققا ئوخشايدۇ، تەن ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، ھازىرقى زامان ھايۋانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئايىغى پالاققا ئايلانغان، ئارقا ئايىغى رودېمېنتلاشقان، قۇيرۇقى قۇيرۇق پالاقچىسىغا ئايلانغان. بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ ئۈستىدە، ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ. يېغى دورىگەرلىكتە ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ.