Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىتاب ئەل مىلا ۋە ئەل نىھال
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئەقىدە ۋە مەزھەپ توغرىسىدىكى كىتاب> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىسلامىيەتتىكى دىنى ۋە پەلسەپە ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنى مەجىددىن ئەبۇ قاسىم نامىدا شاھراستانى يازغان. مەزمۇنى ھەرخىل مەزھەپلەردىكى پەيلاسوپلار ۋە مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ دىنىي قارىشى ۋە پەلسەپىۋى نەزەرىيىسىگە چېتىلىدۇ. ئەسەردە ئىبن سىنانىڭ ئىدىيىسى نۇقتىلىق تەنقىد قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى ئىسفاھانى پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. مۇستافا بىننى قەلەقداد 1611 - يىلى پارسچە يەنە بىر قېتىم تەرجىمە قىلغان. كېچ بىلەن فلائىن بىرلىشىپ، ئەسەرنىڭ بىرنچى قىسمى <مۇسۇلمان> نى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ 1984- يىلى لوندوندا نەشر قىلدۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.