Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېسەللىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق ھالەت.
ساقلىق، ساغلاملىق، سالامەتلىك، ساق - سالامەتلىك
ساق - سالامەت ھالەت.
ساقلىق - پادىشاھلىق. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى. سالامەتلىك - زور بايلىق. ساق - سالامەتلىك - ئەڭ زور بەخت. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنگەن ھامان داۋالىتىش لازىم. بىتاپلىق ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. ساقسىزلىق كىشىنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساقسىزلىق.
ئۇ چۈش ۋاقىتلاردا پۈتۈن ياتاقلارنى ئايلىنىپ، ھەممە كىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ چىقاتتى.
ئورگانىزمدىكى نورمال پائالىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى.
دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك.