Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېسىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى قىرىش، رەختنى كېسىشتىن چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر،
«قىرىندى» ياغاچنى قىرغاندىن چىققان.
«قىيىق» رەخنى كەسكەندىن چىققان.
«كېسىك» ياغاچ، تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىلەرنى كەسكەندىن چىققان.
«پۇرۇچ» تېرىنى پىچقان، كەسكەندىن چىققان.
قىرىندىن قىزغانغانغا قارا. قىيىقتىن قۇراق چىقسا ئەجەب ئەمەس. كېسىك كېرەكلىك بولۇپ قالىدۇ. پۇرۇچتىن پوستەك چىقىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كېسىلگەن، كېسىۋېلىنغان؛ كەمتۈك.
كېسىك پىرامىدا. كېسىك كونۇس. كېسىك شار.
ئى <مات> تۈز سىزىقنىڭ ئۈستىدىكى خالىغان ئىككى نۇقتا ئارىسىنىڭ چەكلىك قىسمى.