Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېسىشىش
بىئولوگىيە
بىرىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدە ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار جۈپ تۈزۈپ تۆت بۆلۈكلىك تەنچىنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتتا، ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار غەيرىي ئاچا - سىڭىل خروماتىدلىرى ئارىلىقىدىكى ئۆز ئارا كېسىشىش ھادىسىسىنى كۆرۈش مۇمكىن. بۇ گېنېتىكىدىكى ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ ئالمىشىشىدىن پەيدا بولىدىغان سىتولوگىيىلىك ھادىسە <ئالمىشىش> گە قاراڭ.