Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېسەل ساقايغۇسى كەلسە تېۋىپ ئۆزى كېلەر
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، بىرەر قىيىن ئىشنىڭ ھەل بولغۇسى كەلگەندە كاشىلسىز ئۆزلۈكىدىن ئوڭغا تارتىپ، تۈرلۈك شەرت - شارائىتلار ئەپلىشىپ، ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: بۈگۈن كەچقۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە خالىس بىر تېۋىپ كېلىپ قالدى. دانىش ئىمام خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ «كېسەل ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنەتتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.