Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېينېس
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1946) ئەنگلىيىلىك بۇرژۇئا ئىقتىسادشۇناسى، كېينېسچىلىقنىڭ ئاساسچىسى. ياش ۋاقتىدا كېمبېرىج ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىقتىساد ئوقۇغان. ئۇزاق ۋاقىت كېمبېرىج ئۇنىۋېرسىتتىدا دەرس ئۆتكەن ۋە <ئىقتىسادشۇناسلىق ژورنىلى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، قوشۇمچە ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھەم ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا ئاكتىپ ئارىلىشىپ، قەغەز پۇلنى باشقۇرۇش چارىسى ئارقىلىق كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1929 - 1933 - يىللىرىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى مەزگىلىدە، كېيىنېسچىلىق بىرمەزگىل ئەۋج ئالغان، نۇرغۇن كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بۇ نەزىرىيىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپتىن سىياسەت تۈزۈپ ئىقتىسادقا ئارىلاشقان. كېينېس ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، يەنى جەمئىيەتتە ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. شۇڭا دۆلەت مۇۋاپىق سىياسەت قوللىنىپ، ئىقتىسادنى تەڭشەپ، <ئۈنۈملۈك ئېھتىياج>نى كۆپەيتكەندىلا كرىزىسنى يوقىتالايدۇ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. لېكىن ئۇ، پەقەت پۇل ئوبورۇتى مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىقتىسادىي ھادىسىلەردىكى ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈپ، كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ماھىيىتىنى كۆرمىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پۇل ئىسلاھاتى توغرىسىدا>، <پۇل نەزەرىيىسى>، <ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبۇرۇتى تۇغرىسىدا> قاتارلىقلار بار.