Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىر ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن ئوبدان كېڭىشىش كېرەكلىكىنى ئويلانماي، ئالدىراپ قىلىنغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتى كىشىنى پۇشايمانغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ئۇلۇغ سۇلتانىم، بىزگە بۇ ئىشلارنى جىددىي ئويلاش ۋاقتى ئالىقاچان كەلدى. ئەگەر بىپەرۋالىق قىلساق كېچىكىپ قالىمىز، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن دېگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ، - دېدى ئۇ.