Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېيتېل
دۇنيا تارىخى
(1882 - 1946) ناتسىت گېرمانىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كەسپىي ھەربىيلىكتىن كېلپ چىققان. 1938 - يىلى گىتلېر تەرىپىدىن گېرمانىيە قوراللىق قىسىم ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1940 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا باشتىن - ئاخىر گىتلېرنىڭ بۇيرۇقىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندنلىق شتابىدا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.