Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېيىنكى ئېمىتكۈچىلەر
بىئولوگىيە
<مېتاتېرىيىلەر>، <خالتىلىقلار> (Marsupialia) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ بىر كەنجى سىنىپى بولۇپ، پەقەت <خالتىلىقلار ئەترىتى> نىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەدرىجىي تەرەققىياتتا ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچىلەر بىلەن ھەقىقىي ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ. تىرىك تۇغىدۇ، لېكىن ئادەتتە بالا ھەمراھى بولمايدۇ؛ بوغاز مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمايدۇ، ئانا تەننىڭ بالا بېقىش خالتىسىغا كىرىپ سۈت ئېمىپ داۋاملىق يېتىلىدۇ، سۈت بېزى خالتا ئىچىگە ئېغىز ئاچقان، ئەمچەك توپچىسى بار. مېڭىسى ئىپتىدائىي بولۇپ، كاللوزا تەنىچىسى بولمايدۇ. چىشىسىنىڭ قوش بالىياتقۇسى، ئىككى ۋاگىناسى بولىدۇ. كۈرەك چىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئۈستۈنكى جاغنىڭ ھەر يېنىدا بەشتىن، ئاستىنقى جاغنىڭ ھەر يېنىدا ئۈچتىن، ئالدىنقى ئېزىق چىشى ھەر يېنىدا ئىككىدىن، ئېزىق چىشى ھەر ياندا تۆتتىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تاللا ئالدى ئېزىق چىشى قايتا چىقىدۇ. قالغانلىرى ئۆمۈر بويى تەكرار چىقمايدۇ. قۇش تۇمشۇقى سۆڭىكى رۇدىمېنتلاشقان، تاغاق سۆڭىكى چوڭايغان. بەدەن تېمپېراتۇرىسى گەرچە بىر تۆشۈكلۈكلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۆۋەنرەك ھەم تۇراقسىز. كېيىنكى ئېمىتكۈچىلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. ئاساسەن ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىلارغا تارقالغان.