Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئاۋستىرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 1684 - 1697 - يىللاردىكى ئاۋستىرىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋستىرىيە قوشۇنى تۈركىيە قوشۇنىغا زەربە بېرىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1699 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەزكۇر شەرتنامە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە: ۋېنگرىيە، ترانسىلۋانىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋېنسىيىلەرنىڭ ئاۋستىرىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. ۋېنتسىيە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقتىن، شەرتنامىگە ئاساسەن، مورىيە، دالماتسىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ ئەمەلىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.