Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارل
دۇنيا تارىخى
(1655 - 1697) شۋېتسىيە كورۇلى (1660 - 1697). كارل Ⅹ گۇستاۋ (1660 - 1662)نىڭ ئوغلى. گۆدەك چېغىدىلا تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇقى ماگنۇس گابرېل گاردې (1622 - 1686) باشچىلىقىدىكى نائىب پالاتا تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. 1672 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 1674 - يىلى شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ گوللاندىيە ۋە براندېنبۇرگقا قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1675 - 1679 - يىللىرى سكانېي ئۇرۇشىدا دانىيىنى يەڭگەن ھەمدە دانىيىدىن تارتىۋالغان سكانېي رايونىنى شۋېتسىيىلەشتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن مالىيە ۋە مەمۇرىي جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ ئىلگىرىكى خان جەمەتىگە تەۋە بولغان مال - مۈلۈكلەرنى قايتۇرۋالغان. پادىشاھلىق ھوقۇقىنى جېنىنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، ئىستىبدات سۇلالە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان؛ سىرتقا قارىتا تىنچلىق سىياسىتى قوللىنىپ، 1679 - يىلى دانىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە تىنچ ۋە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1655 - 1718) شۋېتسىيە كورۇلى (1697 - 1718). كارل 9 نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، باج كىرىمىنى كۆپەيتكەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىرت بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1700 - يىلى روسىيە، دانىيە، ساكسونىيە ۋە پولشا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شۋېتسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، شىمال ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كارل ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا دەسلەپ دانىيىنى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبورلىغان كېيىن ئارمىيىنى باشلاپ نارۋا دېگەن جايدا ئىمپېراتور پېتىر قوماندانلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1701 - 1706 - يىللىرى ئىمپېراتور سايلىغۇچى ئاۋگۇست باشچىلىقىدىكى ساكسونىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قازىنىپ، پولشانى شۋېتسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 1707 - 1708 - يىللىرى روسىيىگە يەنە ھۇجۇم قىلغان. 1709 - يىلى پۇتى يارىلىنىپ ئارمىيىگە ئۆزى قومدانلىق قىلالمىغانلىقتىن پولتاۋادا روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالغان ۋە قوشۇننى باشلاپ تۈركىيىدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزماقچى بولغان. 1711 - 1712 - يىللىرى تۈركىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇش قىلغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەپلىشىپ قالغان. 1714 - يىلى كارل تۈركىيىدىن ۋەتىنىگە قايتقان. 1718 - يىلى كۈزدە ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ نورۋېگىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا قازا تاپقان.