Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارلوس
دۇنيا تارىخى
(1749 - 1819) ئىسپانىيە كورۇلى (1788 - 1808). كارلوس Ⅲ نىڭ ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. تەختتكى مەزگىللىرى خانىكە مارىيە لوئىزا ھەمدە ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى گودوي تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 1793 - يىلى فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن فرانسىيە بىلەن <سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى> تۈزۈشكە مەجبور بولغان. 1808 - يىلى فرانسىيە ئارمىيسى ئىسپانىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئامېرىكىغا قېچىپ كىتىشكە ئۇرۇنغاندا، ئارانجۇئېزدا خەلق قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى فېرناندوغا بېرىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرۈشكەمەجبور بولغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختتىن چۈشۈش يارلىقىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، ناپولېئوندىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ئاخىرى ناپولېئوننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بايوننې (فرانسىيەنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى شەھەر)دە پادىشاھلىق ئورنىنى قايتۇرۋالغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختنى ناپولېئوننىڭ ئاكىسىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن رىمدا ئۆلگەن.