Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارلېيل
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1881) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. شوتلاند ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى باي - كەمبەغەللىكنىڭ تەكشى بولماسلىق ھادىسىسىنى تەنقىد قىلىپ، <پۇل پادىشاھلىقى> نىڭ كېلىپ چىقىشى خەلقنىڭ كەمبەغەللىكنىڭ تۈپ يىلتىزى، دەپ قارىغان. لېكىن زورلۇق ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلقنى مەنسىتمىگەن. <مەنىۋى ئاقسۆڭەك> ئارقىلىق خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ خىل ئىدىيە ئۇنىڭ <كونا كىيىمنىڭ يېڭى پىچلىشى>، <فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى>، <ئاساسىي نىزام ھەرىكىتى>، <ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن>، <قەھرىمانلىق ۋە قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن. 1848 - يىلدىن كېيىن، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىدىن ھەم 1848 - يىلىدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىي ئاممىۋى ھەرىكىتىدىن قورقۇپ، ئەكسىيەتچىل مەيدانغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئىنقىلابنى قارغاپ، چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىستىبداتلىق سىياسىتىنى تىكلەشنى تەرغىپ قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى گېرمانىيىلىك بىسماركنىڭ مىلىتارىسلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ماختىغان.