Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېڭ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كەڭ.
ھەرقانداق كەڭ نەرسە « كېڭ نەڭ» دېيىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كېڭ تون ئۇپراماس كەڭەشلىگ بىلىك ئارتاماس _ كەڭ تون ئۇپرىماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس. كەڭ تون يىرتىلمايدۇ، كېڭەش بىلەن قىلىنغان ئىش بۇزۇلمايدۇ. بۇ ماقال ئىش قىلغاندا باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىققا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 489