Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېڭەش ھۆكۈمىتى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كېڭەش ئورگىنى. كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كېڭەش ئورگىنى، پايتەخت باسقاق بېگى تەسىس قىلىنغان. 1279 - يىلى (چوڭليې خانىنىڭ 5 - يىلى) پايتەخت كېڭەش مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار يىغىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدىغان، ھەرقايسى ئەمەلدارلىق مەھكىمىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئورگىنى بولۇپ قالغان. لى سۇلالىسى دەسلەپكى يىللىرى كۇرىيىنىڭ كونا تۈزۈم - قائىدىلىرىگە ۋارسىلىق قىلغان، شۇڭا، پايتەىت كېڭەش مەھكىمىسى كېڭەش ھۆكۈمتىنىڭ تەكتى بولغان. 1400 - يىلى (دىڭجۇڭنىڭ 2 - يىلى) ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، پايتەخت كېڭەش مەھكىمىسى كېڭەش ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ، دىۋان مەھكىمىسى بىلەن ئۈچ مەھكىمە (كېڭەش مەھكىمىسى، خانلىق مەدرىسى، ئەمىر - پەرمان مەھكىمىسى) دىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۈلكىي ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، باش كېڭەش ھەم ئوڭ ۋە سول كېڭەش تەسىس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىككىنچى (تەيزۇڭنىڭ 1 - يىلى) دىۋان مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى كېڭەش ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان بولغان. 1405 - يىلى (تەيزۇڭنىڭ 5 - يىلى) مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسى، نوپۇس پىرقىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكىرىي پىرقە، زىندان پىرقىسى، تەمىرات پىرقىسىدىن ئىبارەت ئالتە پىرقە تەسىس قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى باشقۇرۇلغان. كېڭەش ھۆكۈمتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تارايغان. 1436 - يىلى (شىندۇڭنىڭ 18 - يىلى) يەنى ئالتە مەھكىمىنىڭ ئىشلىرىنى كېڭەش ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىدىغان بولغان. كېيىنكى چاغلاردا كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئۆزگىرىپ تۇرغان. 1907 - يىلىغا كەلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.