Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېڭەشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئارا بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلماق.
ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتى بىلەن كېڭىشەر. ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل. مەسلىھەتلەشكەن ئىشتىن قۇسۇر ئاز. ھەممە ئىشنى خىزمەتداشلار، يارۇبۇرادەرلەر بىلەن پىكىرلىشىش كېرەك. ئەقىلدىشىش ئەقىللىقنىڭ خىسلىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرلىكتە مۇزاكىرىلەشمەك، ئۆزئارا مەسلىھەتلەشمەك.
ئۇلار بىرئاز كېڭەشكەندىن كېيىن بىر پىكىرگە كەلدى.
ئۆزىنى چاغلاپ، مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ئىش قىلماق؛ ئۆزىنى توختاتماق.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كىڭەش (ماقال).