Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېكىتمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ناچار ئىللەت، كەمچىللىكلەرنى ئاچچىق مازاقلاپ يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر. ئۇ ھەر خىل ژانىردا يېزىلىشى مۇمكىن.
«ساتىرا كەمچىللىكلەرنى كىشىلەرنىڭ زەئىپ تەرەپلىرىنى، يامان قىلىقلىرىنى مەسخىرە قىلىش بولماي، بەلكى ئاچچقلانغان ھېسنىڭ كۈچى، ئالىيجاناپ غەزەپنىڭ گۈلدۈرمامىسى ۋە چاقمىقى بولۇشى كېرەك.»
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تەنە، ھەجۋى، ياپتا گەپ. مەسىلەن: كېكىتىپ گەپ قىلماق - تەنە بىلەن تەككۈزۈپ گەپ قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. تەنە، ھەجۋىي، ياپتا گەپ.