Uyghurئاساسىي لۇغەت
گوردون
دۇنيا تارىخى
(1833 - 1885) ئەنگلىيەلىك مۇستەملىكىچى ئوفىتسىر. ئوفىتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1852 - يىلى خانلىق ساپىيۇلار قىسمىغا كىرىپ، ھەربىي ھاياتىنى باشلىغان. 1860 - يىلى جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن، بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىش، يۈەنمىڭيۈەن بېغىنى كۆيدۈرۈش، بۇلاشقا قاتناشقان. كېيىن <غالىب قوشۇن> غا باشلىق بولۇپ، تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 1885 - يىلى گراۋېسېند خانلىق ساپىيورلار قىسمىغا قومان بولغان. 1874 - 1880 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، سۇداننىڭ ئېكۋادور ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋە سۇداننىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، دافۇر قاتارلىق جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغان. 1882 - يىلى كاپې مۇستەملىكسىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كۆپ قېىتملىق مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. 1884 - يىلى گېنېرال پولكوۋنىك بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ، قايتىدىن سۇدانغا باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىپ مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى يىلى خارتۇم ئۇرۇشىدا ئوق تىگىپ ئۆلگەن.