Uyghurئاساسىي لۇغەت
گور
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەبرە، مازار، لەھەت، گۆر، يەرلىك:
ياۋايى ئېشەك، قۇلان:
1. بەندە ئاجىزغە قەزادىن گور ئەزابى يەتسەلەر،
رەھم ئېتىپ دەفئ ئەيلەگن سۇلتانى غەففارىمغە ئەرز.
شەۋقى.
ھەرەم بولسا، يانا پەرى بىر لەھۇر،
بولۇر ئاقىبەت ھەم ئاڭا جايى گور.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ... بەزى دەپتۇرلاركى، گور ئاۋىغە كۆپ مايىل ئېردى.
جاپىبان قوھى دەشت سارى سەمەند،
گور بوينىغە سالۇر ئېردى كەمەند.
نەۋايى.