Uyghurئاساسىي لۇغەت
گور خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئافغانىستان خاندانلىقى. 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھېرات بىلەن غەزنى ئوتتۇرىسىدىكى گور تاغلىق رايونىدا بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەسلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، 1151 - يىلى گور خانى ئالاۋۇددىن ھۈسەيىن (؟ - 1163) ئەسكەر باشلاپ، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، غەزنى شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى غىياسىدىن مۇھەممەد تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1163 - 1203) بۈگۈنكى پۈتۈن ئافغانىستان زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە ئىرانغا كېڭەيمىچلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد (گورلىك) ھىندىستانغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1886 - يىلى غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1206 - يىلى مۇھەممەد (گورلىك) زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان. دېھلى ۋالىيسى ئايبەك مۇستەقىل بولۇپ، قۇللۇق خاندانلىق قۇرغان. 1215 - يىلى گور خاندانلىقى خارەزەم سۇلتانى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.