Uyghurئاساسىي لۇغەت
گورىللا
بىئولوگىيە
<ئادەمسىمان چوڭ مايمۇن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىماتلار ئەترىتى، ئورانگوتان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنى چوڭ - بەستلىك، ئەركىكىنىڭ بويى 65.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 002 كىلوگرام، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ 88.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 290 كىلوگرامدىن ئارتۇققا يېتىدۇ. چىشىسىنىڭ بويى 4.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 101 كىلوگرام. ئۇ پرىماتلار ئەترىتىدىكى ئەڭ چوڭلىرى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالدى پۇتى كەينى پۇتىدىن ئۇزۇن، غۇلىچىنى يايغاندا 72.2 مېتىغا يېتىدۇ. ئۆرە تۇرغاندا ئالدى پۇتى ساڭگىلىسا تىزى بىلەن ئوشۇقىنىڭ ئارىلىقىدىكى قىسمىغىچە كېلىدۇ. ئۆرە تۇرالايدۇ، لېكىن ئادەتتە يەنىلا تۆت پۇتلاپ ماڭىدۇ. ئايىغىنىڭ باشمالتىقى قالغان تۆت بارمىقىغا يېقىن جايلاشقان بولۇپ، يەر ئۈستىدە ياشاشقا ماسلاشقان. ئالدى ماڭلىيى دۇمبايغان، بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ چەتلىرى توم - قېلىن ھەم كېڭەيگەن، قۇلىقى ئورانگوتان بىلەن شىمپانزىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، چوققىسى توم - قىسقا، قوزۇق چىشى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، مېڭىسىنىڭ سىغىمى ئاران 500 - 600 مىللىلېتىر، لېكىن تۈزۈلۈشى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ زېھىنلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆندۈرۈپ بېقىشى، ئېلېكترون مېڭە قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا گاس - گاچىلارنىڭ قىسمەن <قول ئىشارەت تىلى> ۋە <بەلگە - ئالامەت تىلى> نى ئىگىلەپ ئادەملەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولدى. يۇڭى قارا - قوڭۇر، سەل كۈل رەڭ بولۇپ، قېرىغاندا رەل رەڭ يۇڭى كۆپىيىدۇ. چىشىسى ۋە بالىلىرى ئادەتتە دەرەخ ئۈستىدىكى ئۇۋىسىدا ياشايدۇ. ئەركىكى تولىراق يەردە ياشايدۇ؛ ئادەتتە 3 - 5 ياكى 8 - 10 گورىللا كىچىك توپ بولۇپ ھايات كەچۈرىدۇ. گۆش يېمەيدۇ، ئاساسلىقى مېۋە ۋە كۆپ شىرنىلىك يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. خاراكتېرى يىرتقۇچ (ۋەھشىي)، لېكىن تەبىئىي شارائىت ئاستىدا ئىنسانلارغا ئۆزلۈكىدىن ھۇجۇم قىلمايدۇ. 35 - 50 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئافرىقىدىكى ئېكۋاتورنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. ھازىر پەقەت ئوتتۇرا ئافرىقا ئورمانلىقىدا بىر نەچچە مىڭىلا قالغان بولۇپ، ئۇرۇقى تۈگەپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇ قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. گورىللا مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش، ھەرىكەتلىنىش ۋە قانداشلىق جەھەتلەردە ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن كەلگەچكە كۆرگەزمە قىلىشتىن باشقا يەنە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە زور قىممەتكە ئىگە.