Uyghurئاساسىي لۇغەت
گوسې
دۇنيا تارىخى
(1) ئاۋروبېندو گوسې (1872 - 1950) ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ئالىم، شائىر. كالكۇتتادا تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدا ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغان، كىمبېرىج داشۆسى ئەنگلىيە خانلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1893 - يىلى ھىندىستانغا قايتقان، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھىندىستان بۇرژۇئا مىللىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان، <سالام ۋەتەن> قاتارلىق گېزىت - ژورناللارنىڭ تەھرىرى بولغان، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى رادىكال رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىر مەھەل قولغا ئېلىنغان. 1019 - يىلىدىن كېيىن پوندىچېرىدا <يوگاسارا نومى> نى ئۆگەنگەن ھەمدە <ئاۋروبېندو كۇتۇپخانىسى>نى تەسىس قىلىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. ھىندىستاندىكى ۋېدانتا مەزھىپىنىڭ پەلسەپىۋى نەزەرىيىلىرىنى ۋە غەربنىڭ ئىدېئالىستىك پەلسەپە قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، <بىر پۈتۈن ۋېدانتا> نەزىرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ھىندىستاندىكى سىياسىي ھەرىكەتنى ھىندى دىنى ئاساسىغا قۇرماقچى بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ غايىسىنى ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ غايىسى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇ 100 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئاساسلىقى <مۇقەددەس ھايات>، <ئىنسانلارنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇشى>، <ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى>، <ئەڭ ئاخىرقى شېئىر> ۋە <ئاۋروبىندوگوسې ئەسەرلىرى> (30 توم) قاتارلىقلار. (2) ئايوي كۇما گوسې (1909 - 1962). ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى. ياشلىق دەۋرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن ھىندىستان كومپارتىيىسى ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە كىرگەن. ھىندىستان كومپارتىيىسى ئورگان ژورنىلى - <مىللىي سەپ> ھەپتىلىك ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، كومپارتىيە بىرلەشمە ئۆلكىلىك تەشكىلىي ھەيئتى بولغان. 40 - يىللاردا، ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي بۆلۈمى ۋە پەنجاپتا ھىندىستان كومپارتىيىسى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1943 - يىلى ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيدا مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1948 - يىلى 3 - ئايدا، ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 2 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىقغا سايلانغان. 1951 - يىلى 5 - ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىكرىتارلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا باش سېكرىتارلىققا سايلانغان. 1955 - يىلى 12 - ئايدا، <خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە نىسبەتەن ھەم ئىتتىپاقلىشىش ھەم كۈرەش قىلىش> ۋە <مىللىي دېموكراتىك سەپ قۇرۇش يېڭى فاڭجېنى>نى ئوتتۇرغا قويغان. 1959 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگونى زىيارەت قىلغان.