Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەمگۇزار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
«غەمگۇسار» غا قاراڭ.
ماڭا قىسمەت ئەزەلدىندۇر يېمەك دەردۇ بالا قۇتىن،
نە ئىشرەت گۈلشەن ئىچرە، زۇلم ئېلىدىن غەمگۇزارىم،
گۇمنام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ غەم - قايغۇسىنى يېنىكلەتكۈچى، بىراۋغا كۆيۈنگۈچى، بىراۋنى قوغدىغۇچى.
ئانا - بالىنىڭ غەمخورى. ئانىدەك غەمخور نەدە. خۇش سۆز ئېيتار ئۇ يارىغا يارى، كى ھەر گەپكە كېرەكتۇر غەمگۇزار. خەيرخاھ كىشى خەيرخاھقا ئېرىشەر. ھامىيىسى بار ھارمايدۇ. ئىستىسەڭ ياىشىلىق ئەقىل پاسىبان، قارا بولۇتتىنمۇ چىقىسەن ئاسان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باشقىلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلغۇچى، كۆيۈمچان، مېھرىبان، غەمخور.
شوق شامال غەمگۈزار قىزنى كەڭ پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ماڭلاي چېچىنى خۇددى مايسىنى تەۋرەتكەندەك يەلپۈپ تارايتتى.