Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەم قايغۇ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«غەم - قايغۇ»روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب - ئوقۇبەت، قاتتىق قىينىلىش.
ئويۇن - تاماشا، ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا
ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك، ئىش - ھەرىكەت.
ئەمگەكسىز ئويۇن - تاماشا - تۇز سېلىنمىغان بولكا. ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش - ئەقىل - ئىدراكنىڭ ھالال بولۇشى. كەيپ - ساپاغا بېرىلىش - مىللىي ئاجىزلىقنىڭ باشلىنىشى. غەم - قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا، ئۇتىسەن. بىز شادلىق يولىدا كۆرۈشتۇق، شادلىق يولىدا ماڭىمىز، شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا ھەسرەت - نادامەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن.
دەرد - ئەلەملەر كېلىدۇ،
ئوغۇل بالانىڭ باشىغا.
سايدا تۈگمەن چۆگىلەر،
كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
غەم ۋە قايغۇ.
شۇ تاپتا شائىر ھېكىم نۇرنى ئەسكە ئېلىپ قالدى. ھېكىم نۇر مەسىلىسى سەپداشلارنى غەم - قايغۇغا سېلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنى قايتا - قايتا ھوشيارلىققا ئۈندەۋاتقان ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.