Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەمكەش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
غەم تارتقۇچى، غەم قىلغۇچى، ئەلەم چەككۈچى، ئاشىق، مۇپتىلا:
ئانىڭدەك بولدى بۇلبۇل زارى غەمكەش،
تۈشۈپ گۇل ھۇسنىدىن جانىغە ئاتەش.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
غەم تارتقۇچى، ئەلەم چەككۈچى.