Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەمماز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چېقىمچى؛ سۆز تاراتقۇچى؛ پاش قىلغۇچى. سىر ۋە مەخپىيەتلىكىنى:
ئەي ئەسىرى غەيردىن راز دىلىڭنى ئاسراغىل،
غەمى غەمخارىڭغە ئايغىل، ئايماغىل غەممازغە.
ئەسىرى.
ئەي خىرامى قامەتىڭگگ مۇبتەلە تەننازلەر،
غەمزەگەر ئاھۇلەرىڭگە ۋالەدۇر غەممازلەر.
مەشھۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چېقىمچى، گەپ توشۇغۇچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئىبەرسە بېگىم دورغا يا كاسىنى، سۈرۈپ كەلتۈرۈر ئۇشبۇ غەممازىنى. (<زەپەرنامە>)