Uyghurئاساسىي لۇغەت
گەزمال بېجى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ لى خاندانلىقى مەزگىلىدە ھەربىي قوشۇنلارنى قامداش ئۈچۈن يولغا قويولغان ماددىي باج تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھەربىي باج ئۈچۈن گەزمال تۆلەنگەنلىكتىن گەزمال بېجى دەپ ئاتالغان. 1469 - يىلى (رۇي زۇڭنىڭ تۇنجى يىلى)، <يۇرت سوراش قانۇنلىرى>دا ھەربىي باج ئۈچۈن ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا بىر توپ رەخت ياردەم قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنەەن. ئەسكەرلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭچىلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەچكە 1516 - يىلى (جۇڭ زۇڭنىڭ 11 - يىلى) ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ھەربىر ئادەم يىلىغا ئىككى توپ رەخت تۆلەيدىغان بولغان. گەزمال بېجى ئۆزگىرىپ نوپۇس بېجى بولۇپ قالغان. 1751 - يىلى (يىڭ زۇنىڭ 27 - يىلى) ھەربىي مەجبورىيەت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گەزمال بېجىنىڭ يېرىمى ئازايتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالتە كۈرە گۈرۈچ ئېلىنىدىغان بولغان. تېرىق پۇرچاق، ياغاچ قاتارلىقلارنىمۇ باج ئورنىدا تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا گەزمال بېجى، گۈرۈچ بېجى، تېرىق بېجى، پۇرچاق بېجى، ياغاچ بېجى قاتارلىق ناملاردا ئاتالغان. 1871 - يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 8 - يىلى) ھەربىي باج بىلەن بىرۋاقىتتا بىكار قىلىنغان.