Uyghurئاساسىي لۇغەت
گەز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابى. بىرگەز 0.71 مېترغا تەڭ.
گەزلىمە.* مېتر سىستېمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان گەز كاردىن چىقىپ قالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۇسسۇزلۇقتىن كالپۇكنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان قوقاق.
لېۋىمگە گەز باغلاپ كەتتى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۇلغۇن، ئىلمەك، تاياق.
كاماننىڭ پەيسىز ئوقى:
بۇ گەز نەۋرۇز غەيرەتىدىن ئۇرۇپ جوش،
ئاچىغلانغان بىلە بولدى زىرىھپوش.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۇلغۇن؛ كاماننىڭ پەرسىز ئوقى: گەزىستان - يۇلغۇنزار.
شىۋىلەر
سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قازان تېگىگە يېپىشىپ قالغان قالدۇغى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
گەز - ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قەدىمكى شىنجاڭدا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. <ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى> (تارىخى رەشىدى) نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن ئىزاھتا: <بىر گەز ئىككى فۇت (بىر فۇت 0.305 مېترغا تەڭ) تىن سەل ئارتۇقراق> (مىرزا ئەھمەد ھەيدەر: <تارىخى رەشىدى> <خەنزۇچە تەرجىمىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2 - كىتاب، 148 - بەت) دېيىلگەن. شۇنداق بولغاندا بىر گەز تەخمىنەن 61 سانتمېتردىن سەل ئارتۇق بولغان بولىدۇ. يەنە بەزى مەنبەلەردە بىر گەز = 62 - 68 سانتىمېتر بولىدۇ دېيىلگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> دېگەن كىتابتا <gaz - گەز ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، بىر قولنىڭ ئۇزۇنلۇقچىلىك گەز. ئۇ 24 بارماقنىڭ كەڭلىكىگە باراۋەر> دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن، تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.
شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى.
ياغاچ گەز. پولات گەز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قازان تېگىگە يېپىشىپ قالغان قالدۇقى، قىرماق.
ئىسسىق تۇتۇپ قېلىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئادەمنىڭ لېۋىدە پەيدا بولغان قاسىراقسىمان بىر خىل قېتىشما.
گەز باغلىماق.
ئانا ئۇنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ گەز باغلاپ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.