Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
پارىژ خەلقىنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1870 - يىلى 7 - ئايدا پروسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى كەينى - كەينىدىن پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ بولغان. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سېدان دېگەن جايدىكى جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن، ئىككىنچى كۈنى تەسلىم بولغان. ناپولېئون Ⅲ ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پارىژ خەلقى قاتتىق غەزەپلەنگەن، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىنقىلاب پارتلاپ ئون مىڭلىغان ئامما كوچىغا چىقىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاي - بوربون ئوردىسىنى قورشىۋالغان. خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئارقىسىدا جۇمھۇرىيەتلەردىن گامبېتتا قاتارلىق كىشىلەر ئىمپرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇرژۇئازىيە غالىبىيەت مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.