Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە تۇنىس بىرلەشمە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق توغرىسىدىكى دىپلوماتىيە ھۆججىتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كۈنسېرى ئەۋج ئالغان. 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيە تۇنىس ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. فرانسىيە تۇنىسنىڭ مۇستەقىلللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، 1881 - يىلدىكى <باردۇ شەرتنامىسى>نى بىكار قىلغان. تۇنىسنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئارمىيسىنى قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. 1956 - 1957 - يىللىرى ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت، مەمۇرىي ۋە تېخنىكا جەھەتتە بىر قاتار كېىشىملەرنى ئىمزالىغان. 1958 - يىلى فرانسىيە تۇنىستىن ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا (بىزېرتانى ھېسابقا ئالمىغاندا) كېلىشىم ئىمزالىغان.