Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى
دائىرە: دۇنيا تارىخىفرانسىيەنىڭ 1848 - يىلدىكى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىنقىلاب. ئىيۇل سۇلالىسى مەزگىلىدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن، 1845 - 1846 - يىللىرى يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇل كېمىيىپ كەتكەن ۋە 1847 - يىلى كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي بوھران جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. ئەسلى 1848 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زىياپەتنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى بولغان. 22 - كۈنىدىكى پارىژ ئاممىسىنىڭ نامايىشى قوزغىلاڭغا تەرەققى قىلىغان. 24 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەن، پادىشاھ لۇئى فىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، لامارتىن باشچىلىقىدىكى 11 باشلىق ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. 25 - كۈنى جۇمھۇرىيەت، يەنى فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى بۇرژۇئازىيەنىڭ دېموكراتىك خاراكتىردىكى ئىنقىلابى ۋاقىتنچە غەلىبە قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.