Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى فرانسىيەنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى. 1940 - يىلى 6 - ئايدا دېگولل لوندوندا قاچاق ھۆكۈمەت <ئەركىن فرانسىيە> نى قۇرغان، ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە مىللىي كومېتىتى قۇرۇلۇپ، فرانسىيەنىڭ قارشىلىق كرسىتىش ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ۋە سابىق فرانسىيىگە قارام مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچ جەھەتتە كۈنسايىن زورايغان. مەملىكەت ئىچىدە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى <مىللىي فرونت> ۋە باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ئىش تاشلاش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغان. 1943 - يىلى 5 - ئايدا، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىلەر بىرلىشىپ <مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومېتىتى> تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئالجىرىيىدە <فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومېتىتى> قۇرۇلغان، بۇنىڭغا مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى 6 - ئايدا نامى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيە ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قوماندانلىقىدىكى مۇنتىزم ئارمىيە بىلەن مەملىكەتتىكى پارتىزانلار زىچ ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتۇرۋالغان.