Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە ماي بورىنى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1968 - يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرى مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىت پارتلاپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئىشچىلار 24 سائەتلىك ياردەم بېرىش خاراكتىرلىك ئىش تاشلىغان. كېيىن ئاستا - ئاستا كەڭ دائىرىلىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ئۆزگىرىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت كۈنىنى قىسقارتىش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. قىسمەن رايونلاردىكى ئىش تاشلىغانلار كارخانا ۋە ئىدارىلەرنى ئىگىلىگەن. 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە كەلگەندە ئىش تاشلاش پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا تەرەققىي قىلىپ، قاتناشقۇچىلار تەخمىنەن 9 مىليونغا يەتكەن.كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ئارقىسىدا ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ئىگىلىرى سۆھبەت ئۆتۈزۈشكە مەجبور بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىشچىلار ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلغان. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كۆلىمى زور ئىش تاشلاش كۈرىشى بولۇپ، دېگوللنىڭ ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدا تەختتىن چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.