Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腓特烈四世
دۇنيا تارىخى
فرېدېرىك Ⅳ
(1671 - 1730)، دانىيە - نورۋىگىيە كورۇلى (1699 - 1730). خىرىستىئان Ⅴ نىڭ ئوغلى. 1700 -، 1709 - 1720 - يىللىرى شىمال ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، روسىيە ۋە پولشا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ شۋېتسيە بىلەن سوقۇشقان. 1721 - يىلى سۈلھ تۈزۈپ، جەنۇبىي يوتلاندىيىنىڭ گوتتورپ رايونىغا ئىگە بولغان. پروتېستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىپىدىكى پېتىست مەزھىپى مۇرىتلىرىغا يول ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: گرېگورې كالېندارى (يەنى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى)نى كىرگۈزگەن؛ يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (1702)؛ يېزا خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئاتلىقلار مەكتىپىنى، پادىشاھلىق يېتىم بالىلار مەكتىپىنى قۇرغان.