Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腓特烈.威廉二世
دۇنيا تارىخى
فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅱ
(1744 - 1797). پرۇسسىيە كورۇلى (1786 - 1797). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅰ نىڭ نەۋرىسى، فرېدرىخ Ⅱ (ئىمپېراتور فرېدرىخ)نىڭ جىيەنى. 1758 - يىلى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1786 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدە ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتىپ، ئاقارتىش ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1788 - يىلى يەنە گېزىت - ژۇرنال ۋە كىتابلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەمدە دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن. سىرتقا قارىتا، فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1790 - يىلى 7 - ئايدا ئاۋستىرىيە بىلەن <رېخېنباخ كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، فرانسىيە قارشى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلىنى قۇرغان. 1791 - يىلى 8 - ئايدا ئاۋستىرىيە ئىمپېراتورى لېئوپولد Ⅱ بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىدىغان <پىللىنتز خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1793 - 1795 - يىللىرى ئىككىنچى قېتىملىق ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق پولشانى بۆلۈۋېلىشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان. 1793 - يىلى ئەنگىلىيە ئۇيۇشتۇرغان فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1795 - يىلى ھەربىي جەھەتتە ئۇدا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە پرۇسسىيە - ئاۋستىرىيە زىددىيىتىنى چوڭقۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز ئالدىغا فرانسىيە بىلەن <باسېل سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، فرانسىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان.