Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腓特烈.威廉一世
دۇنيا تارىخى
فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅰ
(1688 - 1740)، پرۇسسىيە كورۇلى (1713 - 1740). فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، پرۇسىسىيەنىڭ بيۇروكرات ھەربىي ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى كۈنسايىن كۈچەيگەن. يۇنكىر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قوراللىق كۈچنى تولۇقلىغان، ئارمىيىنىڭ ئادەم سانىنى 80 مىڭدىن ئاشۇرۇپ، ياۋروپادىكى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. خەلققە ۋە ئەسكەرلەرگە شەپقەتسىز <كالتەك> سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بارلىق ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان ھەمدە مەركىزىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتكەن. ئارمىيىنىڭ غايەت زور چىقىمغا خىراجەت يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خەزىنە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، خەلقتىن ئېغىر باج ئالغان ۋە چېگرا بېجىنى مۇھاپىزەت قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، 1713 - يىلى <ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە 1720 - يىلى <ستۇكھولىم سۈلھ شەرتنامىسى> ئارقىلىق، پۇمېرانىيىنىڭ بىر قىسمى قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ، پرۇسسىيە زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.