Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腓特烈六世
دۇنيا تارىخى
فرېدېرىك Ⅵ
(1768 - 1839)، دانىيىنىڭ كورۇلى (1808 - 1839)، نورۋىگىيە كورۇلى (1808 - 1814)، 1784 - يىلى ئوردا سياسىي ئۆزگىرىشنى ياساپ، ئاغرىپ ياتقان دادىسى كرىستىپان Ⅶ (1749 - 1808) نىڭ ئورنىدا ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. 1808 - يىلى رەسىمىي تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، كىشىلىك ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىدىغان ۋە دېھقانلارنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ھەمدە پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. سىرتقا قارىتا، دەسلەپتە بىتەرەپ سىياسەت قوللانغان، كېيىن ناپولېئوننى قوللاپ ئەنگلىيەگە قارشى تۇرغان. 1814 - يىلى نورۋىگىيىنى شۋېتسىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. 1834 - يىلى ياۋرۇپا ئىنقىلابىي ۋەزىيىتىنڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىنى قۇرغان، ئۇ، دانىيە پارلامېنت تۈزۈىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.