Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېرلىن پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ناپالېئوننىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىشنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى ئاساسلىق ھۈججىتى. 1806-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ناپولېئون بېرلىندىكى پرۇسسىيە كورۇلى ھۇزۇرىدا ئېلان قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پەرماندا: برىتانىيە ئاراللىرى مۇھاسىرە ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن بولىدىغان ھەر قانداق سودا ۋە خەۋەرلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ فرانسىيە ئارمىيىسى ھەمدە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى ئەنگلىيە پۇقرالىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مال مۈلۈكلىرى بىردەك ئەسىرگە ئېلىنىدۇ ۋە مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيە ھەمدە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن كەلگەن پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى فرانسىيە ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەمىسى فرانسىيە ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق پورت پرىستانلىرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، دەپ جاكارلانغان. مەزكۇر پەرمان قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قامال قىلىش ۋە قامال قىلىشقا قارشى تۇرۇشتىكى بىر قاتار پەرمانلارنى چىقارغان.