Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېرتانى
دۇنيا تارىخى
(1812 - 1886) ئىتالىيە دېموكراتىزمچىسى. ئەسلى تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ئىدى. 1848 - 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابتا مىلان قوزغىلىڭى ۋە رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەت قوشۇنىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 1859-يىلى گارىبالدى جۈنتۇەنگە قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1860-يىلى گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا قانتاشقۇچىلارنىڭ بىرى. 1866-يىلى گارىبالدى جۈنتۈەنىگە يەنە بىر قېتىم قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان، ئىككىنچى يىلى گارىبالدى رىمغا يۈرۈش قىلغاندا، يېڭىۋاشتىن جەڭگە ئاتلانغان.