Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېرن ئىنتېرناتسىئونالى
دۇنيا تارىخى
سېرىق ئىنتېرناتسىئونال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يېڭىۋاشتىن قۇراشتۇرۇلغان <ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال>. 1919-يىلى 2-ئايدا، ئەسلى <ئىككىنچى ئنتېرناتسىئونال> غا قاتناشقان 26 ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن <بىتەرەپلەر> نىڭ ۋەكىللىرى شۋېتسارىيىنىڭ بېرندا چاقىرىلغان ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئاللىبۇرۇن بەربات بولغان <ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈنى بەلگىلىگەن. ئىككىنچى يىل 7-ئايدا جەنۋەدە چاقىرىلغان تۇنجى قۇرۇلتىيىدا پروگرامما ۋە نىزامنامە ماقۇللانغان، ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسىنى تەسىس قىلغان. ئۇ پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى قوغدايدىغان، جاھانگىرلىكنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خەلقئارا ئىتىتپاق. لېنىن ئۇنى <سېرىق، ئاسىي، ئاينىغان ئىنترناتسىئونال>، <ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جاھانگىر گۇماشتىلىرىنىڭ تەشكىلاتى> دەپ كۆرسەتكەن< (لېنىن ئەسەرلىرى، خەنزۇ نەشرى 92-توم، 457، 459-بەتلەر) 1925-يىلى 5-ئايدا، بېرن ئىنتېرناتسىئونالى بىلەن >ئىككى يېرىمىنچى ئىنترناتسىئونال بىرلىشىپ، نامىنى <سوتسىيال ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى> غا ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاساسەن يىمىرىلگەن.