Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېرنخار كارلگرېن
دۇنيا تارىخى
(1889 - 1978) شۋېتسىيىلىك خەنزۇشۇناس. يەنچېپىڭدا تۇغۇلغان. ئۇپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1919 - 1921-يىللىرى جۇڭگونىڭ سەنشى ئۆلكىسىدە يەرلىك دىئالېكت تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان. 1921 - 1914-يىللىرى پارىژدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيە ئېقىمىدىكى خەنزۇشۇناسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1918-يىلدىن تارتىپ گوتېنبورگ داشۆسىدە شەرقشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ مەكتەپتە مۇۋەققەت مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىر بولغان، كېيىن يەنە يىراق شەرق ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنىڭ باشلىقى، شۋېتسىيە خان جەمەتى گۇمانىتارلىق پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە ۋە ئارخېئولوگىيە، تىل قاتارلىق ساھەلىرىگە بېرىپ يەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <جۇڭگو فونېتىكىسى تەتقىقاتى>، <جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە ۋە ئارخېئولوگىيە، تىل قاتارلىق ساھەلىرىگە بېرىپ يەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى >جۇڭگو فونېتىكىسى تەتقىقاتى<، >جۇڭگو تىلى ۋە جۇڭگو يېزىقى<، ><خەنزۇ يېزىقى - ياپون يېزىقى، تەھلىل لۇغىتى>، <زاڭزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلى>، <جۇڭگو - ياپونىيدىكى خەنزۇچە يېزىقنىڭ شكلى - تاۋۇشى ھەققىدە>، <خەنزۇ تىلى> قاتارلىقلار. شۇنىڭدەك <نەزمىنامە>، <دەستۇر> نى تەرجىمە قىلغان.