Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرلىك پەردە
بىئولوگىيە
پلازما پەردە پرىپاراتىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، قېلىنلىقى 75A (ئۇنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاشمايدىغان ھۈجەيرىلەردە پەرقلىنىدۇ) كېلىدىغان ھەمدە تىپىك ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشنى كۆرۈش مۇمكىن. ئىچكى، سىرتقى ئىككى قەۋىتى ئوسمىغا مايىللىقى كۈچلۈك بولغان ئاقسىللىق قەۋەت بولۇپ، قېنىق بويىلىدۇ، ھەر قايسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن A °20 كېلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى بىر قەۋىتى ئوسمىغا مايىللىقى ئاجىز بولغان مايلىق قەۋەت بولۇپ، سۇس بويىلىدۇ، تەخمىنەن °35 A كېلىدۇ. سىتوپلازمىدىكى باشقا ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى. مەسىلەن، خوندىرىئوسوما، گولگى ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ پەردىلىرىنىڭ پرىپاراتىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پلازما پەردىسىدىكىدەك ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشى بولۇپ، پەقەت ھەر بىر قەۋەتنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر پەردىنىڭ ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆرۈنگەن ئۇلترا مىكرو تۈزۈلۈش سۈرىتى (ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈش) نى بىئو پەردىلەرنىڭ بىرلىك پەردىسى دەپ ئاتىدى.