Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرلەشمە قوشۇن غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئەبۇ سۇفيان 927 - يىلى مۇشرىكلار بىلەن بىرلىشىپ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغنا ئۇرۇش. ئەينى چاغدا 11 قەبىلىدىن 10 مىڭدىن ئاتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە قوشۇن مەدىنىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى ھەمدە شەھەر ئىچىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قۇرەيزا قەبىلىسى ماسلىشىدىغان بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پارسلارنىڭ سەلمان ھىلىسىنى قوللىنىپ، مەدىنىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەھەرنىڭ شىمالىدا خەندەك قېزىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى باشلاپ بېرىپ چىڭ ساقلىدى. شۇڭا <خەندەك غازىتى> دەپمۇ ئاتالدى. بىرلەشمە قوشۇن شەھەرنى بىر ئاي قورشاپ ئالالمىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ چاغدا قۇيۇن چىقىپ ئوچاقلارنى ئۆرۈۋەتكەن، چىدىرلارنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، چېچىلىپ كەتكەن. ئاخىر چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.