Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرلىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («بىر» سانىغا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىك» قوشۇلغان).
ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بىر پۈتۈنلۈك.
بىرلىك بولماي، تىرىكلىك يوق (ماقال). * ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پەلسەپە ئاتالغۇسى. بىردەكلىك، ئوخشاشلىق.
قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ بىرلىكى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. سان كاتېگورىيىسىنىڭ بىر تۈرى. ئانتونىمى: كۆپلۈك.
ئات سېتىۋالدىم، دېگەندە «بىرلىك» ساندا كەلگەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
بىر تۈردىكى مىقدارلارنى ئۆزئارا باھالاش، سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئۆلچەم.
ۋاقىت بىرلىكى، پۇل بىرلىكى، ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى، ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. * بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرايلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇتاشلىق.
جاھاننىڭ تەركىبى بىرلىككە ئىگە، بۇ بىرلىك شۈبھىسىز نەپسىڭدە جەم. ئىتتىھاد بولسا، كۈچ بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتتىپاق - ئىناق ھالەت.
ئىتتىپاقلىق - كۈچ. ئىتتىپاقلىق - غەلىبە. ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى - بايلىقنىڭ بېشارىتى. بايلىق بايلىق ئەمەس، بىرلىك بايلىق. بىرلىك بولمىسا تىرىكلىك بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئورتاق ئاساس ۋە نىشان ئاستىدا زىچ ئۇيۇشماق.
ئىتتىپاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق
ئىتتىپاق - ئىناق بولالماسلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق يوقلۇق.
ئىتتىپاقلىق - كۈچ. ئىتتىپاقلىق بولمىغان ئۆيدە بەرىكەت يوق. ئىناقلىق بولمىغان ئۆيدە ياشاش - دوزاختا ياشاش. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىرلىك بولمىسا، تىرىكلىك بولماس. ئىتتىپاقسىزلىق توزدۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىناقسىزلىقى - بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق.
ئىرادە بىرلىكى.
سۈپ. كۆپچىلىككە تەئەللۇق بولغان، ئومۇمىيلىققا ئىگە.
بىرلىك سەپ.
ئى. شەيئىلەرنى ئۆلچەشتە ئۆلچەم قىلىۋېلىنغان مىقدار.
ئۆلچەم بىرلىكى * بىرلىك مەھسۇلات.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئىتتىپاقلىق، بىرلىشىش، بىرلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئىتتىپاقلىق، بىرلىشىش، بىرلىك؛ بىر نىيەت، بىر مەقسەتلىك كىشى.