Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرما تايلاند ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
«بىرما - تايلاند ئۇرۇشى»بېرما تايلاندقا ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش، جەمئىي يەتتەقېتىم يۈز بەرگەن: (1)1548-يىلى، بىرمىنىڭ توۇنگوئو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تابىنشۋېتى تايلاند قوشۇنى تۇۋاغا بېسىپ كىرگەنلىكتىن،تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىشنى قارار قىلغان. ھەرئىككى تەرەپ پورتۇگالىيىلىك ئەسكەرلەرنى ياللىغان. تايلاندنىڭ پايتەختى ئايۇتئىئا(چوڭ شەھەر)نىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بىرما ئارمىيىسى ئۇنى ئالالماي چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. (2)1563-يىلى، توئۇنگوئو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بايىننائۇڭ تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى ئايۇتئىئانى ئېلىپ، تايلاند پادىشاھىنى تۇتۇۋالغان. كېيىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، تەسىردائىرىسىنى مىكونگ دەرياسىنىڭ ۋادىسىغىچە كېڭەيتكەن. زور تۈركۈم ئەسىرلەر ۋە ئۇستىلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكتىن، تايلاندنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى بىرمىغا تارقالغان. (3)1568-يىلى، ئەسىرلىكتىن قويۇپ بىرىلگەن تايلاندپادىشاھى مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئىتائەت قىلىشنى خالىمىغانلىقتىن، بايىننائۇڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تايلاندقا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 10 ئايدىن كېيىن بىرما قوشۇنى تايلاندنىڭ پايتەختىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالغان، تايلاند بىرمىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان؛ (4)1584-يىلى، تايلاند مۇستەقىل بولغان. بىرما پادىشاھى بايىن تەختتە تۇرغان مەزگىلدە(1581-1599)، تايلاندقا بەش قېتىم ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدا غەلىبە قىلالمىغان. (5)ئائۇنگزىيا بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 9175-يىلى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، ئايۇتىئئا شەھىرىنى قورشىۋالغان. كېيىن ئائۇنگزىيا ئاغرىپ قېلىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. (6)1764-يىلى، ئائۇنگزىيا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى مېنبوزور ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، تايلاندقا بېسىپ كىرگەن. 1767-يىلى تايلاندنىڭ پايتەختىنى ئالغان، ئايۇتىئئا سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان. (7)1768-يىلى، تايلاند بىرما قوشۇنىنى قوغلاپ چىقرىپ، يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان. بىرما پادىشاھى مېنيۇن 1785-يىلى تايلاندقا ھۇجۇم قىلغان، تايلاند پادىشاھى پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان، بىرما قوشۇنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.