Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالفۇر
دۇنيا تارىخى
(1848 - 1930) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1902 - 1905)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1916 - 1919). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى داھىيلىرىنىڭ بىرى. 1885-يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋەزىرى. شوتلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى، ئىرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ھەمدە تۆۋەن پالاتا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. باش ۋەزىر بولغاندا <ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقداش شەرتنامىسى> (1902) ۋە <ئەنگلىيە - فرانسىيە سۈلھ شەرتنامىسى> (1904) نى تۈزۈشنى پىلانلىغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. بانكىر روتچىل (1868 - 1937) غا خەت يېزىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن (<بالفۇر خىتابنامىسى> غا قارالسۇن). <ماقالە ۋە نۇتۇقلار توپلىمى>، <ئارال دۆلىتى ئەركىن سودىسى ھەققىدە ئىقتىسادىي خاتىرىلەر>، <مالىيە ئىسلاھاتى نۇتۇقلىرى توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.