Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالدىر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۆگەي: بالدىر قىز - ئۆگەي قىز؛ تۇمشۇق (تاغ تۇمشۇقى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇمشۇق.
تاغنىڭ بۇرۇنغا ئوخشاش ئۆسۈپ چىققان يېرى. تاغ بالدىرى _ تاغ تۇمشۇقى.
1 - 595
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆگەي.
بالدىر ئوغۇل _ ئۆگەي ئوغۇل. بالدىر قىز _ ئۆگەي قىز.
1 - 595
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بالدۇر.
بالدىر تارىغ _ بالدۇر تېرىلغۇ، باش باھاردا تېرىلغان ئاشلىق. ئەڭ ياخشى تېرىم ۋاقتى شۇ ۋاقىتتۇر. باشقىلاردىن بۇرۇن قىلىنغان ئىش ياكى پەيدا بولغان نەرسىگىمۇ « بالدىر» سۆزى ئىشلىتىلىدۇ. تۆل ۋاقتىدا تۇنجى توغۇلغان قوزىمۇ « بالدىر قوزى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تۆت سۆزنىڭ ھەممىسىدە «ب» ھەرپى قېلىن ۋە قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
1 - 595