Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالقان ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە، مونتېنېگرو قاتارلىق دۆلەتلىرى تۈزگەن تۈركىيىگە قارشى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاق، بۇ ئىتتىپاق روسىيىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە ئەنگلىيە - فرانسىيىلەرنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. 1912-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن سېربىيە توختام تۈزۈپ، شەرتنامە تۈزگۈچى بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپ ياردەم قىلىش كېرەك؛ ئەگەر ياۋروپادىكى مەلۇم چوڭ دۆلەت (ئاۋسترىيىنى دېمەكچى) بالقاندا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئىككى تەرەپ ئورتاق قارشى تەدبىر قوللىنىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامىدە يەنە ئىككى دۆلەت ھەربىي ئىشلاردا تۈركىيىگە قارشى تۇرۇش ۋە ماكېدونىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشنى مەخپىي كېلىشكەن. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن گرېتسىيە خاراكتېرى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن. 9-ئايدا، بۇلغارىيە بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيىگە قارشى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇلغارىيىنى يادرو قىلغان بالقان ئىتتىپاقى ئاخىر بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا، ئىتتىپاق تۈركىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىقىپ، ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى (1913-يىلى) كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) يۇگوسلاۋىيە، تۈركىيە، تۈركىيە ۋە گرېتسىيە ئۈچ دۆلەت ھەربىي ئىتتىپاق. 1923-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەردە <بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى> (<يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامسى> ياكى <ئەنقەرە شەرتنامىسى> مۇ دېيىلىدۇ<ئىمزالانغان. بۇنىڭدا ئورتاق مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق مەسىلىلەردە كېڭىشىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئورتاق قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، باش شتاب ئەنقەردە تەسىس قىلىنغان. 1954-يىلى 8-ئايدا، ئۈچ دۆلەت يەنە يۇگوسلاۋىيىنىڭ بلېد دېگەن يېرىدە >يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە ئىتتىپاقى، سىياسىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى< نى ئىمزالاپ، >بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى<نىڭ تولۇقلىمىسى قىلغان. 1955-ىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. باش شتاب ئافىناغا يۆتكەلگەن، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان.